پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

1295490
پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى؛ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا سوچىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتقانلىقى ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە پايدىلىق بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماكروننىڭ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «سوچى كىلىشىمى، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەمچى بولىدۇ» دېيىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، 30 – ئۆكتەبىردە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى يىغىنى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى؛ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر