ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىت مەنبەلىرىنى قوغداش پىلانىنى تۈزمەكتە

ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندزى گراھام (Lindsey Graham) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ سۈرىيەدىكى نېفىت مەنبەلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن پىلان تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1294548
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى نېفىت مەنبەلىرىنى قوغداش پىلانىنى تۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندزى گراھام ئاقسارايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايك مىللېي (Mike Milley) نىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا، توققۇز كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىلەن قاتناشتى ۋە ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «سۈرىيەدىكى نېفىت مەنبەلىرى قوغدىلىشى كېرەك. ئىشتاب باشلىقى مايك مىللېي سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى نېفىتنىڭ دائېش ياكى ئىراننىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان پىلان تەييارلىماقتا» دېدى.

ئۇ پىلانغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان نېفىت مەشغۇلات رايونلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن 30 دانە «ئابرامس» (Abrams) ماركىلىق تانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر بىرىگادىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەگەر مەزكۇر پىلان ئەمەلگە ئاشسا، رايوندا رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئامېرىكانىڭ قورال كۈچىدە مۇھىم ئېشىش كۆرۈلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مىنىستىر مارك ئېسپېر (MarkEsper) نىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ سۈرىيەدە داۋاملىشىشى توغرىسىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا زۆرۈر تەۋسىيەلەرنى قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيرىزوردىكى نېفىت رايونىغا 30 تانكا ۋە بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى نېفىت رايونلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر