پېنس نۇتۇقىدا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1294644
پېنس نۇتۇقىدا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ خوڭكوڭدا 2019-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ توختىماي داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى يۇقىرى نىسبەتتە چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خوڭكوڭغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خوڭكوڭدىكى نامايىشلارغا خىتاب قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا سىلەرنى قوللايدۇ، سىلەردىن ئىلھام ئالىدۇ. سىلەرنى زوراۋانلىق تۈسى ئالمىغان نامايىش يولىدا تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە مۇسۇلمان خەلقىنىمۇ تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر