سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئەلئاسساف ۋە قاتناش مىنىستىرى نەبىل ئەلئامۇدى پادىشاھ قارارى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

1293805
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا (SPA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە فايسال بىن فەرھان بىن ئابدۇللاھ ئال سۇئۇد، قاتناش مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە سالىھ بىن ناسىر ئەلجاسىر قويۇلغان.

فايسال بىن فەرھان 2019-يىلى فېۋرال ئېيىدىن تارتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدى. سالىھ بىن ناسىر ئەلجاسىر سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىبراھىم ئەلئاسساف ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىدى.

يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان بىن ئابدۇللاھ ئال سۇئۇد ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا يېقىنلىقى ۋە ئىرانغا قارشى ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن تونۇلىدۇ.

گېرمانىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۇنىڭدىن سەككىز ئاي بۇرۇن فايسال بىن فەرھان بىن ئابدۇللاھ ئال سۇئۇدنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىدە قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېرلىن باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلماسلىقى ئۈچۈن، سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئوتتۇرا شەرقتە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «Euroscope» ئىدارىسىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېيىنمېيىر (Frank-Walter Steinmeier) دىن فايسال بىن فەرھان بىن ئابدۇللاھ ئال سۇئۇد باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر