ناتو تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇرسەن
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1293984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، جۈملىدىن بۇ باسقۇچ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىزچىل كۆزىتىلمەكتە. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازايتىلىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، <سوچى كېلىشىمى> سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلايدۇ.»