تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىراقتىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1293410
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى تۈنۈگۈن سالاھىددىن ۋىلايىتىدە دائېش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ساقچى تەشكىلاتى 4- ئەترىتى قوماندانى گېنېرال ئەل لامىنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئادىل ئابدۇلمەھدى پايتەخت باغداتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، دائېشنىڭ ئىراقتىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئادىل ئابدۇلمەھدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقتا يېقىندىن بۇيان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇردى. بىزمۇ بارلىق كۈچىمىز بىلەن بۇلارغا تاقابىل تۇرماقتىمىز» دېدى.

ئىراقتا ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە دۆلەت مۇلازىمەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدا خەلقنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نامايىشچىلارغا قۇلاق سالغانلىقىنى ۋە تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادىل ئابدۇلمەھدى: «سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار سەۋەبىدىن، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىمالىغا قارشى ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىمىز داۋاملىق تەييار ھالەتتە تۇرماقتا. دۆلەتنى مۇداپىئە قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئارمىيەمىز، ساقچىلىرىمىز، ھاشدى شابى ۋە پەشمەرگە قوراللىقلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تۈنۈگۈن سالاھىددىن ۋىلايىتىدە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر گېنېرالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.  


خەتكۈچ: #دائېش , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر