رۇسىيە ي پ گ / پ ك ك نى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نى سۈرىيە چېگراسىدىن چېكىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1293267
رۇسىيە ي پ گ / پ ك ك نى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈنۈگۈن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، يېقىنقى يىللاردا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئاقىۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى ۋە بىر مەنىدە خىيانەت قىلدى. ئەمدى ئۇلارنى چېگرادا تاشلاپ قويۇپ تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشتۇرۇش يوللىنى تاللىماقتا» دېدى.

ئۇ، كېلىشىم دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ چېگرا بويىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر چېكىنمىسە، سۈرىيە چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن چېكىنمگەن تەقدىردە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر