خوڭكوڭدىكى تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە سەۋەب بولغان گۇماندار قويۇپ بېرىلدى

خوڭكوڭدا «تۇتقانلارنى خىتايغا، ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇمىي رايونىغا ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپى»نىڭ تەييارلىنىشىغا سەۋەب بولغان دېلونىڭ گۇماندارى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.

1293127
خوڭكوڭدىكى تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە سەۋەب بولغان گۇماندار قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانچىلىغان ئايلاردىن بۇيان توختىماي نامايشىلارنىڭ يۈر بېرىشىگە سەۋەب بولغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن «تۇتقانلارنى خىتايغا، ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇمىي رايونىغا ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپى»نىڭ تەييارلىنىشىغا سەۋەب بولغان دېلونىڭ گۇماندارى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.

خوڭكوڭدا قارا پۇلنى ئاقلاش جىنايىتى سەۋەبىدىن 18 ئايلىق قاماق جازاسىنى تولدۇرغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلگەن گۇماندار چان توڭكەي ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، قىز دوستىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تەيۋەندە تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ۋە تەيۋەنگە ئۆزىنى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەيۋەن رەھبىرى تىساي ئىۋېن گۇماندار چان توڭكەي قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،  خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن سوت ئىشلىرىدا بولۇپمۇ دەلىل پاكىت مەسىلىسىدە ياردەم قىلىشىنى كۈتۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

گۇماندار چان توڭكەينىڭ تەيۋەنگە ئۆزىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن تەڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىك كېلىپ چىققان ئىدى.

خوڭكوڭ مەسئۇللىرى تەيۋەنگە ئۆزىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان گۇماندارنىڭ تەيۋەنگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەيۋەندىن تەلەپ قىلغان بولۇپ، تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرى تىساي چىڭ خىساڭ گۇماندار چانغا ئالاقىدار دېلونىڭ خوڭكوڭدا سوت قىلىنشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. 

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى گۇماندار چاننىڭ تەيۋەنگە قايتۇرىلىشى كېرەكلىكىنى سەۋەب قىلىپ، «گۇماندارلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا، ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىغا ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپىنى 3ئاپرىلدا پارلامېنتقا سۇنغان ئىدى. 

قانۇن تەكلىپى پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىش جەريانىدا قاتتىق تالاش تارتىش ھەتتا جېدەل چىققان ۋە ئىيۇن ئېيىدا بۇ قانۇن تەكلىپىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر