تالىبان قۇندۇزدا 16 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ ئەلىئاباد ناھىيەسىگە، تالىبانلارنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 16 خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.
1292719

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇل رەشىت بەشىر ئونلارچە تالىبان ئەزاسىنىڭ ئەلىئابادنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھۇجۇمدا، 16 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چىققان ئېتىشىشلاردا نۇرغۇن تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ناھىيەدە تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بۇچا شەھىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى بازارلار قايتىدىن جانلاندى.