ئېسپېر تۇيۇقسىزلا ئافغانىستانغا بېرىپ پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تويۇقسىزلا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى.

ئېسپېر تۇيۇقسىزلا ئافغانىستانغا بېرىپ پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوماندانى سكوت مىللېرمۇ قاتناشتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىمۇ  ئامېرىكىغا ئافغانىستانغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، دۆلىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش يولىدا كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئېسپېر بىلەن غېنىنىڭ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ناتو قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 14 مىڭ ئەسكىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر