خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى جامەگە ۋە ئالدىدا تۇپلىشىپ تۇرغان كىىشلەرگە تۇيۇقسىز يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ جامەگە زىيان سالغان ئىدى.

hong kong-cami-toma-ozur1.jpg
hong kong-cami-toma-ozur2.jpg
hong kong-cami-toma-ozur3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمەرىي رايونى ۋالىيسى ھوڭكوڭدا قانچىلىغان ئايلاردىن بۇيان توختىماي داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ۋە ساقچىلارنىڭ نمايىشچىلارنى تارقىتىۋىش ئۈچۈن قىلغان مۇداخىلىسى جەريانىدا، بىر جامەگە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقانلىقى سەۋەبىدىن خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ۋالىيسى كاررېي لام بىلەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى سىتېپېن لو ۋەيچۇڭ مەزكۇر جامەنى زىياەت قىلغان. كاررېي لام بىلەن لو ۋەيچۇڭ جامە زىيارىتىدىن كېيىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلماستىن جامەدىن ئايرىلغان.

خوڭكوڭ مۇسۇلمان خەلقلەر فوندى جەمئىيىتى پەخرىي كاتىبى سائىدۇددىن ۋەقەدە جامەنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، شۇڭا ھېچ قانداق مەسىلە چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

سائىدۇددىن «ئەسلىدە ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. كېلىپ كەچۈرۈم شوراشتى. بىزمۇ قوبۇل قىلدۇق» دېدى.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى جېمېرىي تام ئېلان قىلغان ۋىدېئودا، تۈنۈگۈن ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىش ماشىنىسى بىلەن جامەنىڭ ئالدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، جامەنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىزلا كۆك رەڭلىك يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ۋەقەدە جامەنىڭ ئالدىنقى پايىلىرى، تۆمۈر دەرۋازسى ۋە ئالدىدىكى پىيادە يوللىرىمۇ كۆك رەڭگە بويىلىپ كەتكەن ئىدى.

 ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە كەلگەن ئونلىغان كىشى سۇ ۋە تازىلىق لاتىلىرى بىلەن جامەنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان يەرلىرىنى ئېيتىپ تازىلىغان ئىدى.

خوڭكوڭدا 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بولۇپ، شەھەر مىقياسىدا 5 جامە ۋە 2 مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بارلىقى مەلۇم. 

 


خەتكۈچ: جامە , خوڭكوڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر