ترامپ 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆزىنىڭ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020 – يىلى چاقىرىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مىئامىدىكى ئۆزىنىڭ مېھمانسارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1291080
ترامپ 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆزىنىڭ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن دېموكراتلارنىڭ بۇ مەسىلىنى كېرەكسىز ھالدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا بۇ يىغىننى مىئامىدىكى < Trump National Doral > مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈش پىكرىدىن ۋاز كەچتۇق، < Camp David > نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە باشلىدۇق.»

ئاقساراي مەخسۇس كاتىپى ماك بۇلۋانېي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 2020 – يىلى 10 – 12 – ئىيۇن كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مىئامى شەھىرىدىكى مېھمانسارىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ قارار ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان، قائىدە – يوسۇنلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر