گېرمانىيەدە پۇتبول مەستانىلىرى پ ك ك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى

گېرمانىيەدە 4 – لىگ پۇتبول كوماندىلىرىدىن روت – ۋېيس ئېسېېن كوماندىسى تەرەپدارلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تەەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى.

1291071
گېرمانىيەدە  پۇتبول مەستانىلىرى پ ك ك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆلىن شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن قايتقان پ ي د/پ ك ك تەرەپدارلىرى بىلەن روت – ۋېيس ئېسېېن كوماندىسى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا، كۆلىندىن ھام شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان « RE1 » ناملىق  پويىز دۇسسېلدورف ئايرودۇرۇمىدا ئاز قالغاندا  جېدەل - ماجىرا چىققان. شۇنىڭ بىلەن، پويىز تەخمىنەن بىر سائەت توختاشقا مەجبۇر بولغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى بىلەن روت – ۋېيس ئېسېېن كوماندىسى تەرەپدارلىرىنى ئايرىغان. جېدەل – ماجىرادىن كېيىن پويىزنىڭ كارىدورلىرى ۋە ئورۇندۇقلىرىدا قاز ئىزلىرى كۆرۈلگەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېدەل – ماجىرادا يۈزدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سەۋەبىدىن بەزى پويىز قاتناشلىرىدا ئاقساش ۋە كېچىكىش كۆرۈلگەن. جېدەل – ماجىراغا ئارىلاشقانلار پويىزدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن پويىز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر