خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيە – ئامېرىكا كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1290242
خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيە – ئامېرىكا كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى مۇھىم رول ئوينىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىن تازىلىنىشى، تۈركىيەمىزنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە بولۇشىغا تىلەكداشمىز.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى مېۋە بەردى، تۈركىيەنىڭ كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى نەتىجىسىدە رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىم بولغىنى، تەرەپلەرنىڭ ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىشىدۇر. خەيرلىك بولسۇن!»

ئامېرىكا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى جەيمس چىسچ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممە تەرەپنى خۇرسەن قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىكىرسوفېر بۇرگېر، كېلىشىمدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» گە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 5 كۈن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر