تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇملىرىدا ئەڭ كۆپ زىيان پۇقرالارغا بولماقتا
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى لاغمەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئالىشىڭ ناھىيەسى مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاغمەن ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئەسەددۇللاھ دەۋلەتزەي مۇخبىرلارغا بەرگەن باناتىدا، بىر كىشىنىڭ ئالىشىڭ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن يەردە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسەددۇللاھ دەۋلەتزەي ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ، كۆپىنچىسى پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 26 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.
پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرى چىقىلىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 كىشى يارىلاندى.