پ ك ك دائېشچى تۇتقۇن ئاياللارنى قويۇپ بەردى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دائېشچى 10 تۇتقۇن ئايالنى قويۇپ بەردى.

1288868
پ ك ك دائېشچى تۇتقۇن ئاياللارنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى» نىڭ ئىككى مۇخبىرىنىڭ ساھە پائالىيەتلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، رەققەدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر لاگېردا ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى فىرانسىيە پۇقراسى دائېشچى 10 تۇتقۇن ئايالنى 25 بالىسى بىلەن بىرلىكتە قويۇپ بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قويۇپ بېرىلگەن ئاياللاردىن بىرى: «كوردلار (ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى) بىزگە: <بۇ يەردىن كېتىڭلار> دەپلا كېتىپ قالدى، بىز نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق» دېگەن. يەنە بىرى، «پۇقرالار ھازىر بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، فىرانسىيە بىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، كوردلار (ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى) بىزنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىز ياردەم كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئوخشىمىغان لاگېرلاردا يۈزلەرچە فىرانسىيەلىك تۇتقۇن ئائىلە بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر