«خىتاي ۋە ئۇكرائىنادا چېرىكلىكى بار» دېيىلگەن جو بايدىننىڭ ئوغلى بايانات بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «جو بايدىن ئوغلى ھانتېر بايدىننىڭ خىتايدىكى سودا كېلىشىملىرىگە ياردەم قىلدى» دېگەن ئىدى.

1289008
«خىتاي ۋە ئۇكرائىنادا چېرىكلىكى بار» دېيىلگەن جو بايدىننىڭ ئوغلى بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىسىپىدىن قالدۇرۇلۇشىغا دائىر تەكشۈرۈشكە سەۋەب بولغان سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت شۇنداقلا 2020 - يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نامزات نامزاتى جو بايدىننىڭ ئوغلى ھانتېر بايدىن ئۆزى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەيىبلەشلەر ئۈستىدە تۇنجى قېتىم بايانات بەردى.

جو بايدىننىڭ ئوغلى ھانتېر بايدىن ئامېرىكانىڭ «ABC» قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «خىتاي ۋە ئۇكرائىنادىكى بەزى شىركەتلەر بىلەن چېرىكلىكى بار» دېگەن سۆزلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«ئۆتمۈشۈمگە قارىسام، خاتا قارارلارنى ئالغانلىقىمنى ئويلىماقتىمەن. بۇ قارارلار خاتا ئىدى. بىراق بىرەر خاتا ئىش قىلمىدىم. دادامغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان بەزى تەسىرى يوق كىشىلەرگە قانۇنسىز پائالىيەتلەردە بولۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولدۇم. بارلىق جاۋابكارلىقنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن»

ھانتېر بايدىن «ئۇكرائىنادىكى ئېنېرگىيە شىركىتى <Burisma> نىڭ باشلىقلىق ئورۇندىقىغا ئىسىم - فامىلىڭىز سەۋەبىدىن ئولتۇردىڭىزدىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بەلكىم فامىلەم بايدىن بولمىغان بولسا، بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. فامىلەم بايدىن بولمىغان بولسا، بەلكىم تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرمۇ بولمىغان بولاتتى» دېدى.

دونالد ترامپنىڭ «جو بايدىن ئوغلى ھانتېر بايدىننىڭ خىتايدىكى سودا كېلىشىملىرىگە ياردەم قىلدى» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ھانتېر بايدىن «ھەممە يەرنى دادام بىلەن بىرگە ساياھەت قىلىمەن. خىتايغىمۇ 2013يىلىدا دادام بىلەن بىرگە باردىم، قىزىممۇ خىتايدا ساياھەت قىلماقتا ئىدى» دېدى.

ھانتېر بايدىن ئاق ساراي دائىرىلىرىنىڭ دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇ تەپسىلاتنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي ئوتتۇرىسىدا ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى قاتتىق تالاش - تارتىشقا ۋە ئامېرىكا پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلارنىڭ دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى باشلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر