كىم جوڭئۇن ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1289275
كىم جوڭئۇن ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولغان پائېكتۇ تېغىدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى يېڭىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئايىغى ئۈزۈلمەس ئېمبارگولار، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بېسىملىرى ۋە ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە سىناقلار تۈپەيلى دۆلىتىمىز قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىراق خەلقىمىز سىناقلاردىن ئۆتۈش ئارقىلىق كۈچەيدى، تەرەققىي قىلىشنىڭ يولىنى تاپتى ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھەردائىم قانداق غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى رەقىپ كۈچلىرى بىلەن كورېيە خەلقىگە سالغان ئازابى غەزەبكە ئايلاندى. دۈشمەننىڭ تىرىشچانلىقى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا بولسا، بىز ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تەرەققىيات ۋە بېيىشنىڭ يولىنى ئاچالايمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيەگە يادرو پىلانى سەۋەبىدىن 2006 – يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر