ترامپ ئامېرىكا دۆلەت تېلېۋزىيەسىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە يالغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلدى

دونالد ترامپ ئامېرىكا دۆلەت تېلېۋزىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلدى.

1288125
ترامپ ئامېرىكا دۆلەت تېلېۋزىيەسىنىڭ تۈركىيە ھەققىدە يالغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قانىلى «ABC» نىڭ قورال تونتىش ئەسناسىدا ئامېرىكادا سىنغا ئېلىنغان كۈچلۈك پارتلاش كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددىي تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى جەريانىدا سىنغا ئېلىنغاندەك كۆرسىتىشىگە قارىتا «ئېغىر شەرمەندىچىلىك» دەپ باھا بەردى.

غەرب تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىكى تېررورلۇق كارىدورىنى يوقىتىپ، رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىىكىتىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دونالد ترامپ «ABC» قانىلىنىڭ قورال تونتىش ئەسناسىدا سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى خۇددىي ھەرىكەت جەريانىدا سىنغا ئېلىنغاندەك خەۋەر قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

دونالد ترامپ تۋىتتېر ھسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ABC News  قانىلىدا چوڭ شەرمەندىچىلىك. تۈركلەرنىڭ سۈرىيەدە بومباردىمانچىلىق قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلىپ تۇتۇلۇپ قالدى. تولۇق مەنىسى بىلەن ئېغىر شەرمەندىچىلىك» دېدى. 

ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋەر قانىلى «ABC» قورال تۇنۇشتۇرۇش جەريانىدا سىنغا ئېلىنغان كۈچلۈك پارتلاشلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددىي تىنچلىق ھەرىكىتى جەريانىدا سىنغا ئېلىنغاندەك بىر شەكىلدە خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەۋەردە ئىشلىتىلگەن كۆرۈنۈشلەر ئەسلىدە ئامېرىكادا 2017يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قورال تونۇشتۇرۇش جەريانىدا سىنغا ئېلىنغان بولۇپ، «ABC» قانىلىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى خەۋەر قىلىشتىن ئىلگىرى سىنغا مەخسۇس ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەسلى كۆرۈنۈشنى يانفون بىلەن سىنغا ئالغان كىشلەرنىمۇ ۋېدىئودىن يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن «ABC» قانىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سۈرىيە چېگراسىدا» دېيىلگەن كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە گۇمان تۇغۇلغاندىن كېيىن، خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ۋە بۇ خاتالىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر