خىتايدا ياشلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋىدېئو كۆرۈشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغان بولدى

خىتايدا ياشلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋىدېيو كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن جەمئىي 53 مۇنبەردە ۋىدېئو كۆرۈشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1288177
خىتايدا ياشلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋىدېئو كۆرۈشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئىنتىرنېت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، نەخ مەيدان ۋىدېئو تارقىتىش بېرىدىغان تور مۇنبەرلىرىدە ياشلارنىڭ ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كۆرۈش ۋاقتى ۋە مەزمۇنىغا چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋىدېئو تارقىتىش مۇنبىرى «Souhu Video» ۋە «Baidu Video» قاتارلىق جەمئىي 53 تارقىتىش مۇنبىرى ئىستېمالچى ئىلتىماسلىرى كۆرسەتكۈچىگە ياشلار ئۈچۈن مەخسۇس بەت تەييارلايدىغان بولدى.

ياشلارنىڭ بۇ بەتكە كەچ سائەت 22:00 دە ياكى ئەتىگەن سائەت 06:00 دە كېرىشى چەكلىنىدۇ. كۈنىگە ئەڭ كۆپ 40 مېنۇت ۋىدېئو كۆرەلەيدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت تولغان ھامان مۇنبەر بىلەن ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياشلارنىڭ ۋىدېئو كۆرۈش مەنبەرلىرىدە ئىنتېرنېت چولپانلىرىغا خۇسۇسىي ئۇچۇر يوللىشى، ئىنكاس يېزىشى ۋە ئۇلارنى ھاشتاگ بىلەن قوشۇۋىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر