خىتايدا يەنە خىمىيە زاۋۇتى پارتلىدى
خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 كىشى ئۆلدى
1288221
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق يۇلىن شەھىرىنىڭ لۇچۇەن ناھىيەسىدە، بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.
شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:00 دە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 4 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولغان.
ئالاقىدار مەسئۇللار پارتلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قۇتقۇزۇش ئەترىتى يوللانغانلىقىنى بىلدۈگەن.