خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارشى بومبا ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ساقچى مەسئۇللىرى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا، ساقچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تىزگىنەكلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1287774
خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارشى بومبا ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانچىلىغان ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا، تۈنۈگۈن (13-ئۆكتەبىر) تۇنجى قېتىم ساقچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تىزگىنەكلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ساقچىلارنىڭ بومبا پاچاقلاش ئەترىتى مەسئۇللىرىدىن چىن چىيۇ سۇريانتو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا، ساقچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان ۋە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان تىزگىنەكلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

چىن چىيۇ ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاۋات چوڭ كوچىدا پارتلىغان بومبىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

  چىن چىيۇ نامايىشچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ ئىشلىتىشىنى تېررورلۇق پائالەتلىرىگە ئوخشاتتى ۋە بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى ئەۋج ئالغان نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىققا ئايلانغانلىقىنىڭ پاكىتى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن ساقچى مۇدىرى تاڭ پىڭ كېئۇڭمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، پارتلاتقۇچنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلدىن 2 مېتىر يىراقلىقتا پارتلىغانلىقىنى، بەلكىم ساقچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تاڭ پىڭ نامايىشلاردا تۇنجى قېتىم پارتلاتقۇچ ئىشلىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر