رىياد ئامېرىكا رايونغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان زاپاس ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى خەۋپلەرگە ۋە ئىران تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ھەربىي كۈچلەرنى زېمىن تەۋەلىكىدە تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى.

1287180
رىياد ئامېرىكا رايونغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان زاپاس ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ يوليورۇقلىرى، شۇندقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئامېرىكا رايونغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى فىلوسى، 2 دانە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارىيەسى، بىر ھاۋا ئارمىيە فىلوسى، بىر تېرمىنال يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ئىككى مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەۋەتىلىدىغان زاپاس ئەسكەرلەر ئۈچۈن پۇل تۆلەشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر