ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە، ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەردى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا (IRNA) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، جىددە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىراننىڭ بىر نېفىت پاراخوتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشنىڭ تەسىرىدە پاراخوتتىكى نېفىتنىڭ دېڭىزغا ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

ئىران مىللىي نېفىت شىركىتىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارتلاشقا راكېتامىيوت بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، قىزىل دېڭىزدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان نېفىت پاراخوتىنىڭ ئىككى دانە چوڭ ئىسكىلاتىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ۋەقەدە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر