سۇداندا جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىلدى

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى بۈگۈن (2019-يىلى 11-ئۆكتەبىر) دىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئۇزارتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۇداندا جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلفەككى سۇلايمان يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى بۈگۈندىن باشلاپ پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇداننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان نامايىشلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان خەلق بىرلەشمىسى «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى»، سەيشەنبە كۈنى (9-ئۆكتەبىر) جىددىي ھالەتنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۇلغايغان مەزگىلدە، 2018-يىلى 22-فېۋرالدا ئالتە ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگەللىگەن ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش، 2019-يىلى 11-ئىيۇل جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتقان ئىدى.

2019-يىلى 21-ئاۋغۇست سۇداندا 39 ئاي داۋام قىلىدىغان ئەسكەر-خەلق ئورتاق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باسقۇچى باشلانغان ئىدى.

دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە، ئارمىيە تەرەپ 21 ئاي، خەلق ۋەكىلى تەرەپ 18 ئاي باشچىلىق قىلىدۇ. ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن كېيىن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ئارمىيە تەرەپ ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر