پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئاسىياغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكانىڭ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئاسىياغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخئابادتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

پۇتىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىياغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ياپونىيە ۋە جونۇبىې كورېيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇنداق ئەھالدا بىرىنجى دەرىجىلىك ھۇجۇم نىشانىنىڭ كىم بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق. بۇ ئىش بىزنى ھەرگىز مەمنۇن قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىش بىزگىمۇ مۇناسۋەتلىك. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار زادى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىشىمىز لازىم. لېكىن بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇساپىسى بىزنىڭ تىررېتورىيەمىزگىمۇ يېتىپ بارالايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ»

پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق ياردو كۈچلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ناچار ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى باھانىسىنىڭ ئەسلىدە «ئاسىيا سىياسىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر