خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا جەمئىي 2379 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى

نازارەتكە ئېلىنغان ھەر 10 نامايىشچىدىن بىرسىنىڭ 15 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1286458
خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا جەمئىي 2379 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بېرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا بۈگۈنگە قەدەر 2379 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش كاتىپى ماتتېۋ چېئۇڭ كىنچوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نازارەتكە ئېلىنغانلاردىن 750 كىشىنىڭ 18 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 104 نامايىشچىنىڭ 16 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ۋە ئازابقا سالىدىغان بىر ئەھۋال» دېدى. 

باش كاتىپ چېئۇڭ كىنچوڭ ئائىلىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرگە قانۇنسىز ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشى شۇنداقلا يارىدار بولۇش ۋە كەلگۈسىنى زۇلمەتكە تولدۇرىدىغان نازارەتكە ئېلىنىشتەك ئىشلاردىن قېچىشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كەررېي لام سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سېنتەبىر ئېيىدا مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك 18 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكىنى، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى (2019-يىلى 5-6-ئۆكتەبىر) نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭمۇ 10 كىشىدىن بىرسىنىڭ 15 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1ئۆكتەبىر كۈنىدىكى نامايىشلاردا 18 ياشلىق بىر نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ماسكا تاقاش چەكلەنگەندىن كېيىنكى نامايىشلاردا 14 ياشلىق يەنە بىر ئوقۇغۇچى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار بولغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ باڭكوكتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تايلاندلىق بىر سىياسىي رەھبەرنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىش رەھبەرلىرىدىن جوشۇا ۋوڭ بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ باڭكوكتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تايلاندلىق سىياسەتچىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ خاتا بولغانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىپ ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر