گېرمانىيەدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تەۋە دېپوماتىك نومۇر تاختىلىق بىر ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرلىدى.

گېرمانىيەدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يېرىم كېچىدە كىملىكى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر توختىتىپ قويۇلغان دېپوماتىك نومۇر تاختىلىق ئاپتومبىلغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

ئاپتومبىلنىڭ پۈتۈنلەي كۆيۈپ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسى مەسئۇللىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاشۇرۇلىشىنى ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق قولغا ئېلىنىشىنى تەلەب قىلدى.

گېرمانىيە ساقچىلىرى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر