گېرمانىيەدە پ ك ك/ پ ي د تەرەبدارلىرى بىر جامەگە ۋە تۈرك ئاشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى

گېرمانىيەنىڭ باد سالزۇفلېن شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د تەرەبدارلىرى بىر جامەگە ۋە تۈرك ئاشخانىسىغا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ ماددىي زىيان يەتكۈزدى.

گېرمانىيەدە پ ك ك/ پ ي د تەرەبدارلىرى بىر جامەگە ۋە تۈرك ئاشخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تۈرك - ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە مەۋلانا جامەسىگە تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 22:30 دە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د تەرەبدارلىرى ھۇجۇم قىلدى ۋە جامەنىڭ ئالدىدىكى تۈرۈككە ئېسىلغان بايراق تانىسى كېسىپ، تۈركىيە بايرىقىنى ئېلىپ قاچتى.

دەل شۇ سائەتتە يەنە، تۈرك ئاشخانىسغا ھۇجۇم قىلىپ، بىنانىڭ دەرىزىلىرىنى چاقتى ۋە ئىچىگە ئوت ئۆچۈرۈش تۇڭلىرىنى ئېتىپ بىناغا زىيان سالدى.

ساقچىلار ھەر ئىككى ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر