ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيەنى ئەيىبلەش تەكلىپىنى رەت قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە تۈركىيەنىڭ ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىگە دائىر تەكلىپكە قارشى چىقتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيەنى ئەيىبلەش تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 5 دۆلەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» نى يېپىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلدى.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» نى ئەيىبلەش تەكلىپىگە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يول قويمىدى. 

ھەر ئىككى دۆلەت باياناتلىرىدا ئەيىبلەش دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر