ئافغانىستاننىڭ فارياب ۋىلايىتىدە پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان فارياب ۋىلايىتىدە پارتلاشتا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ فارياب ۋىلايىتىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارياب ساقچى ئىدارىسى پارتلاش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، فاريابنىڭ چويمات رايونىدا يول بويىغا قويۇلغان بومبىنىڭ، كىشىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقاندا پارتلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. پارتلاشتا، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بومبىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن يول بويىغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا رايوندىكى بىر ھەربىي ئاپتوموبىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

تالىبان ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر