تۈرمىدىكى پىرېزىدېنت نامزاتى قويۇپ بېرىلدى
تۇنىستا تەخمىنەن بىر يېرىم ئايدىن بېرى چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پىرېزىدېنت نامزاتى نابىل ئەل قارۋى قويۇپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نابىل ئەل قارۋىنىڭ سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇش مەزكىزىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت تۇنىستىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنت نامزاتىنى قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.
تۇنىسنىڭ قەلبى پارتىيەسى رەھبىرى شۇنداقلا «مېدىيا ئورگانلىرى خوجايىنى» دەپمۇ تۇنۇلىدىغان نابىل ئەل قارۋى، سوتنىڭ قارارىدىن كېيىن، پايتەخت تۇنىسقا يېقىن مورناغىيە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى.
تۈرمە ئالدىدا نابىل ئەل قارۋىنى كۈتۈپ تۇرغان تۇنىس خەلقى شاتلىقلىرىنى نامايەن قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
23 – ئاۋغۇستتا چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، نازارەتكە ئېلىنغان ۋە سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى تۈرمىدە تۇرۇپ باشقۇرغان نابىل ئەل قارۋى، 17 – سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بىرىنچى ئورۇندىكى مۇستەقىل نامزات قەيس سائىدتىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېېرىشكەن بولۇپ، سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىدى.
تۇنىس سايلام ئالىي كېڭىشى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 2 – باسقۇچىنىڭ 13 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.