پومپىيو: تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا تېررور تەھدىتى بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا باشلىغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

پومپىيو: تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا تېررور تەھدىتى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاش، رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش مەقسىتىدە باشلىغان بارىش پىنارى (تىنچلىق بۇلىقى) ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بار. جەنۇبىدا تېررور تەھدىتى بار» دېدى.

مىنىستىر مايك پومپېيو ئامېرىكىنىڭ PBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دىكتورى جۇدي ۋۇدرۇفنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بارىش پىنارى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بار. جەنۇبىدا تېررور تەھدىتى بار. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىشانلىرىنى ياقلىغان ھالدا سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى خەۋپىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندا تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنسانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلدۇق. مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ نىشانىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پومپىيو، بۇ ئىرادىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر