جېنس سىتولتېنبېرگ: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىككە دائىر يوللۇق ئەندىشلىرى بار

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا بىخەتەرلىككە دائىر يوللۇق ئەندىشلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

1285286
جېنس سىتولتېنبېرگ: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىككە دائىر يوللۇق ئەندىشلىرى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېنس سىتولتېنبېرگ ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا باش مىنىستىر گۇسېپپە كونتې بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

  جېنس سىتولتېنبېرگ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي جېگراسىدا بەرپا قىلىنماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنى يوقۇتۇش، رايوننى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە باشلىغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سىتولتېنبېرگ: «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىككە دائىر يوللۇق ئەندىشلىرى بار. ئېغىر دەرجىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىلىرىغا ئۇچرىدى» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، نۇرغۇنلىغان پاناھلانغۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

سىتولتېنبېرگ «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ نورمال ئىش قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا پائالىيەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭ ۋە ئۆلچەملىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى. 

سىتولتېنبېرگ ئەتە تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر