ئەلقائىدەنىڭ ھىندى يېرىم ئارىلى مەسئۇلى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ھېلماند ۋىلايىتىدە ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھىندى يېرىم ئارىلى لىدىرى ئاسىم ئۆمەر ئۆلتۈرۈلدى.

ئەلقائىدەنىڭ ھىندى يېرىم ئارىلى مەسئۇلى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان خەلقئارا خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ھېلماندنىڭ مۇسا قەلئە ناھىيەسىدىكى ئەلقائىدە ۋە تالىباننىڭ ئورتاق تەربىيەلەش لاگېرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە، ئەلقائىدەنىڭ ھىندى يېرىم ئارىلى لىدىرى ئاسىم ئۆمەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلقائىدە ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر