ۋال سىترىت جورنال ئامېرىكىنىڭ ي پ گ/ پ ك ك قارىشىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكىنىڭ «ۋال سىترىت جۇرنال» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پاچە ماقالىدە، ئەنقەرەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ قوراللاندۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ كوردلارغا قارشى تۇرۇش دەپ ئانالىز قىلىنىشىنىڭ نادانلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

1284732
ۋال سىترىت جورنال ئامېرىكىنىڭ ي پ گ/ پ ك ك قارىشىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى خۇدسون ئېنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پىشقەدەم مۇتەخەسسىسى مايكېل دوران ۋە پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مايكېل رېينولدس «ۋال سىترىت جۇرنال» گېزىتىدە «تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى يوللۇق شىكايەتلىرى بار» سەرلەۋھىسىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان رايوندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى كۆپلىگەن سىياسەتچى ۋە ئىستراتېگىيە ئورۇنلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ماقالىدە، «بىراق بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، ھەقىقەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ي پ گ / پ ك ك نى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ توغرا بولغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە، «ي پ گ نىڭ پ ك ك بىلەن كۈچلۈك ئالاقىسى بار ۋە بۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ئاش كارتېر 2016 – يىلى ئاپرېلدا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

ماقالىدە يەنە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئورنىغا پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ نى تاللىدى. تۈرك خەلقى بۇ تەشكىلاتنى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۇرۇشنىڭ ۋە ئون مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايدۇ. پ ك ك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بارلىق سىياسىي قاتلامدىكى تۈركلەر، بۇ تەشكىلاتتىن نەپرەتلىنىدۇ. ئەنقەرەنىڭ ي پ گ / پ ك ك نىڭ قوراللاندۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى كوردلارغا قارشى تۇرۇش دەپ ئىزاھلاش نادانلىقتۇر. بۇ گوياكى ئەلقائىدەگە قارشى كۈرەشنى ئىسلام ئۆچمەنلىكى دەپ ئىزاھلىغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر