پېنتاگون: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت يولىدىن چېكىندۇق

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى –پېنتاگون باياناتچىسى جوناتان خوفمان بايانات بېرىپ، «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكەت يولىدىن چېكىندۇق» دېدى.

1284434
پېنتاگون: تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت يولىدىن چېكىندۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى جوناتان خوفمان پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بەزى جايلاردىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارى توغرىسىدا پېنتاگون بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «چىققان خاتا خەۋەرلەرنىڭ ئەكسىچە، پىرېزىدېنت، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا مىنىستىر (مارك) ئېسپېر ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى (گېنېرال – پولكوۋنىك مارك) مىللېي بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلەشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خوفمان مۇنداق دېدى: «مىنىستىرلىق، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يولنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەدە ھازىرمۇ چىڭ تۇرماقتا. ئەپسۇسكى تۈركىيە بىر تەرەپلىمە ھالدا قەدەم تاشلاش يولىنى تاللىدى. خۇلاسىلىگەندە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكەت يولىدىن چېكىندۇق. نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىزدە بىر ئۆزگىرىش يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر