دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكىدا ئاق ساراي دائىرىلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارىتا باشلىتىلغان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش باسقۇچىدا ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسىي پېلوسى ۋە ئاۋام پالاتادىكى باشقا دېموكراتچىلارغا مەكتۇپ يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەكتۇپتا، دېموكراتچىلار تەرىپىدىن باشتىلغان دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىدە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە - تۈزۈملىرىگە بىنائەن يول تۇتۇلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە دېموكارتچىلارنىڭ دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەركىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئاۋام پالاتاسىدا رەسمىي ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارمىغانلىقى شۇنداقلا پېلوسىنىڭ ئالدىنقى ئاي بۇ تەكشۈرۈشنى جاكارلاش ئۈچۈن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭمۇ دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

مەكتۇپتا، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ دېموكراتىك باسقۇچنى تەتۈر ئۆرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاساسسىز ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا زىت تىرىشچانلىقلىرىڭلارنى رەت قىلىدۇ. ئامېرىكا خەلقىگە، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا، ئىجرائىيە ئورگانلىرىغا ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى پىرېزىدېنتلىرىغا قارىتا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پىرزېدېنت ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى بۇنداق شارائىت ئاستىدا سىلەرنىڭ پارتىيەپەرەس ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا زىت ھالدا پېرېزىنتلىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكشۈرىشىڭلارغا قاتناشمايدۇ» دېگەنلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەركىتى دائىرىسىدە، ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىسى گوردو سوندلاندنى باياننامە بېرىشكە چاقىرغان بولۇپ، بىراق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەلچىگە مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باياننامە بېرىشكە بارماسلىقى لازىملىقىنى بۇيرىغان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى ئادام سىچىف ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ بۇيرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئادام سىچىف ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىسى گوردو سوندلاندنىڭ دونالد ترامپ ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي ئوتتۇرىىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار سەزگۈر مەلۇماتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇكرائىنالىق مەسئۇللار بىلەن ئۆزى ئوتتورىسىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارغىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئادام سىچىف بۇ مەلۇماتلارنىڭ دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن مۇھىم دەلىل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ گۇۋاھچى ۋە مەزكۇر قىسقا ئۇچۇرلار ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ ھوقۇققا ئىگە پالاتاغا تاپشۇرۇلماسلىقىنىڭ ئۆزىلا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك پاكىتىدۇر» دېگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر