بۈگۈنكى نامايىشتا خوڭكوڭنى خىتايدىن مۇستەقىل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ لوزىنكىسى ئېچىلدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ماسكا تاقاشنى چەكلەش قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىغا قارىماستىن، بۈگۈن يۈزلىگەن ماسكىلىق نامايىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1284951
بۈگۈنكى نامايىشتا خوڭكوڭنى خىتايدىن مۇستەقىل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ لوزىنكىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى قاماققا ئېلىنغان لېكىن ئالىي سوتقا ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن قايتىدىن سوت قىلىنماقچى بولغان بىر خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ سوت ئەسناسىدا، مەھكىمە ئالدىدا ماسكىلىق نامايىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى. خوڭكوڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئالدىدا يۈزلىگەن كىشى توپلاشتى.

 2016يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 2018يىلى ئىيۇن ئېيىدا 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئېدۋارد لېيۇڭ ئىسىملىك پائالىيەتچىنىڭ سوتى جەريانىدا، نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئارلانى توۋلىدى.

نامايىشچىلار لېيۇڭنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نازارىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەب قىلدى.

نامايشچىلاردىن بەزىلەر خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان مەلۇم بىر ھەرىكەت رەھبىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن چوڭ لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش جەريانىدا بەزى مېترو بېكەتلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇلازىمەت قىلمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار كىسىن توڭ مەركىزى بېكىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نامايىش چەريانىدا، مېترو بېكىتىنىڭ مۇلازىمەتتىن توختىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بەزى مېترو بېكەتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇپ بەرگەن نامايشىچىلارنىڭ، مېترو بېكەتلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى ۋە ئېلان تاختىلىرىنى چېقىپ، بىلەت ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرىگە زىيان سالغانلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋاپلىرىنى قومۇرۇپ تاشلىغانلىقى ھەمدە موڭ كوڭ ۋە كىۋۇن توڭ مېترو بېكەتلىرىنى ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكوڭ تۆمۈر يولى ئىدارىسى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، نامايىشچىلار ئېغىر زىيان سالغان بېكەتلەرنى قايتىدىن ئوڭشاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر