ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەزا 5 دۆلەت شىمالىي كورېيەگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يېپىق يىغىن چاقىردى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەزا 5 دۆلەت شىمالىي كورېيەگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 5 دۆلەت، (ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە پولشا) شىمالىي كورېيەگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، يادرو قورالسىزلىنىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە دائىر كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. 

يېغىندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 5 دۆلەت، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە پولشا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە شىمالىي كورېيەنى يادرو قورالسىزلىنىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە دائىر كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى ئاياق- ئاستى قىلغانلىق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا خىزمەت سەۋىيەسىدە سىتوكھولىمدا باشلانغان مۇزاكىەرلەر شەنبە كۈنى توختاپ قالغان ئىدى.

مۇزاكىرىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيە باش مۇزاكىرىچىسى كىم مىيوڭگى:ل «مۇزاكىرىلەر كۈتكىنىمىزدەك بولمىدى ۋە توختىتىلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

كىم مىيوڭگىل ئامېرىكا مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ يۇمشاش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەدە بولماستىن، يەنە كونا پوزىتسىيە ۋە قاراشلىرىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى سۇغا چىلىدى. مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەي، قىزغىنلىقىمىزغا سۇ تۆكتى» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، «شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، مۇزاكىرەلەرنىڭ مەزمۇنىنى ياكى روھىنى نامايان قىلىپ بەرمەيدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا مۇزكىرە ئۈستىلىگە قويۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىرلەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن ياخشى مۇزاكىرىلەردە بولدى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر