ۋىلادىمىر پۇتىن تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز مائاشىنى ئۆستۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مائاشىنى ئۆستۈردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز مائاشىنى ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان قارارنامىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدە پىرېزىدېنت ۋە پىرېىدېنتلىق خادىملىرىنىڭ مائاشى %4.3 ئۆستۈرۈلگەن.

ئىمزالانغان بۇ قارارنامە ئارقىلىق يەنە، دۆلەت مۇداپىئەسى، جىددىي ھالەت، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى «FSB» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خادىملىرىنىڭمۇ مائاشلىرى ئوخشاش نىسبەتتە ئۆستۈرۈلگەن.

پۇتىن ئالدىنقى يىلى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى بىلەن 8 مىليون 600 رۇبلى، يەنى 132 مىڭ دوللار كىرىم قىلغان ئىدى.

رۇسيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 1952يىلى 7ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 67 ياشقا كىردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر