ترامپنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئامېرىكىنىڭ پ ك ك سىياسىتىنى نامايان قىلىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئا ق ش نىڭ سۈرىيەدىكى كوردلار بىلەن ئەمەس، پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە ئۇچۇرنى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

ترامپنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئامېرىكىنىڭ پ ك ك سىياسىتىنى نامايان قىلىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش)نىڭ سۈرىيەدىكى كوردلار بىلەن ئەمەس، پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە ئۇچۇرنى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

دونالد ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسىدا، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پىشقەدەم مۇتەخەسسىسى مايكېل دورىئاننىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە قارارىنى قوللاپ يازغان ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلاشتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، دورىئاننىڭ «ئوباما دەۋرىدە كوردلار بىلەن ئەمەس، ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۈشمىنى بولغان پ ك ك بىلەن ھەمكارلاشتۇق. بۇ سىياسەت ئارقىلىق تۈرك – پ ك ك ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتاتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنى رۇسىيەنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىۋاتاتتۇق» دېگەن ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشتى.

ترامپ، دورىئاننىڭ 2018 – يىلى يانۋاردا ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى سۈرەتكە ئالغان بىر ۋىدېئونى ئورتاقلاشقان ھالدا «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا كۆرگەنلىرىڭلارغا ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟ مەن ھەيران قېلىۋاتىمەن. 2018 – يىلى يانۋاردا ئوبامانىڭ بىزنى تۈركىيە مەسىلىسىدە ئوتتۇرىدا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەنىدىم» دەپ يازدى.

مەزكۇر ئۇچۇرلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئورتاقلىشىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر