مىسىر ھۆكۈمىتى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

مىسىر ھۆكۈمىتى، 1070 ئوقۇتقۇچىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) غا ئەزا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خىزمەتتىن بوشاتتى.

1283876
مىسىر ھۆكۈمىتى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتتىن بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مائارىپ مىنىستىرى تارىق شەۋقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 1070 ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەتتىن قوغلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر شەۋقى، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنىڭ مەزكۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىخۋانغا ئەزا بولغانلىقى ياكى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىزمەتتىن بوشىتىلغان ئوقۇتقۇچىلار مەزكۇر قارار توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

مىسىردا دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدا بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىدىن كېيىن، كۆپلىگەن شەھەرلەردە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار بولغان، نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان كۆپ سانلىقى ئىخۋان ئەزاسى مىڭلارچە كىشى ھەرخىل سەۋەبلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئىچكى كابىنېت، 2013 – يىلى 25 – دېكابىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر