ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى خوڭكوڭدا نامايىشقا قاتناشتى

ئاۋسترالىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبېراللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى تىم ۋىلسون خوڭدوڭدا نامايىشلارنى قوللاش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلار بىرگە يۈرۈش قىلدى.

1283310
ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى خوڭكوڭدا نامايىشقا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبېراللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا ئاۋستېرالىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تىم ۋىلسون يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ماسكا تاقاش چەكلىمىسىگە قارشى نامايىشقا قاتناشتى.

ۋىلسون خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دېموكراتىيەنى قوللىغۇچى نامايىشچىلاردىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زورۋانلىقتىن خالىي نامايىشلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تىم ۋىلسون «ABC» رايدىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، «ھاكىمى مۇتلەق تۈزۈملەرنىڭ بېسىم قىلىش خاراكتېرى بارلىقىنى ۋە شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىلىرى ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبىرى ئانتونىي ئالبانېس بولسا، «ۋىلسون خوڭكوڭدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىپ، سەھىنىگە چىقىش ئويۇنى ئوينىماقتا» دەپ باھا بەردى. 

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت موررىسوننىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشلار ھەققىدىكى باياناتلاردا تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سىرتنىڭ مۇداخىلىسى ۋە تەنقىدلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپى، ئاپرېل ئېيىدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان، بىراق نامايىشلار سەۋەبىدىن خوڭكوڭ ۋالىيسى كارري لام ئىيۇل ئېيىدا قانۇن تەكلىپىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«قانۇن تەكلىپى ئۆلدى» دېگەن باياناتقا قارىماستىن داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردىن كېيىن، ۋالىي كاررېي لام 4 – سىنتەبىردە قانۇن تەكلىپىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەس كويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانۇن تەكلىپىنى رەسمىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولدى» دېگەن ئىدى.

نامايىشچىلار قانۇن تەكلىپىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىدىن باشقا يەنە، نامايىشچىلارغا زورۋانلىق قىلغان ساقچىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇش، تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلىش، نامايىشلارنى «ئىسيان» دەپ ئاتاشنى توختىتىش ۋە يېڭىدىن سىياسىي ئىسلاھات باشلاشنى تەلەپنى قىلماقتا.

نامايىشلار پات - پات ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغىمۇ سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر