ئاۋستىرىيەدە بىر كىشى قىز دوستىغا چىدىماي 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئاۋستىرىيەنىڭ تىرول ئۆلكىسىگە قاراشلىق كىتىزبۇھېل يېزىسىدا بىر كىشى بىرلا ئۆيدە 5 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

1282910
ئاۋستىرىيەدە بىر كىشى قىز دوستىغا چىدىماي 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيەنىڭ تىرول ئۆلكىسى ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى ۋالتېر پۇپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن (6-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن بىر كىشىنىڭ جىنايەت قورالى بىلەن ساقچى پونكىتىغا كېلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە 5 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

ۋالتېر پۇپ مەزكۇر 25 ياشلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ كىتىزبۇھېل يېزىسىدىكى قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن قىزنىڭ دادىسىنى، ئىنىسىنى ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن قىز دوستىنىڭ ياتاقخانىسىغا كىرىپ، قىزنى ۋە قىزنىڭ يېڭى ئوغۇل دوستىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋالتېر پۇپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ 19 ياشلىق قىز دوستىدىن 2 ئاي ئىلگىرى ئايرىلغانلىقىنى ۋە قىزنىڭ يېڭى ئوغۇل دوست تاپقانلىقىغا چىدىيالماسلىق سەۋەبىدىن بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر