سۈرىيە چېگراسىدا ھەرىكەت ئالامەتلىرى كۆپەيدى
سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك چېگرا لىنيەسىدە تونېللارغا قويۇش ئۈچۈن بېتون پارچىلىرىنى توشۇماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە قوللاۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ئىشغال قىلىۋالغان ھاسەكى شەھىرىگە قاراشلىق راسۈل ئاين ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنيەسىدە، قېزىلغان تونېللارغا قويۇش ئۈچۈن بېتون پارچىلىرىنى توشۇماقتا.
تۈركىيە ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۇيۇقسىز قوزغاش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېتون پارچىلىرىنى توشۇشلىرى، راسۈل ئاين ئۇدۇلىغا جايلاشقان جەيلانپىنار ناھىيەسىدىن كۆرۈندى.
ئامېرىكا تىك ئۇچارلىرىنىڭ پات-پات راسۈل ئاين ئاسمىنىدا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھەرىكەتلىنىش كۆپەيگەن چېگرا لىنيەسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى چارلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.