ھىندىستان بىلەن باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا كېلىشتى

باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ ھاسىنا بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە دۆلەتلىرىگە بىخەتەر ھالەتتە قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1282652
ھىندىستان بىلەن باڭلادېش ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش باش مىنىستىرى ھاسىنا ھىندىستان زىيارىتى دائىرىسىدە باش مىنىستىر نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى مىنىستىر قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ھىندىستاننىڭ باڭلادېش چېگرالىرى ئىچىدىكى لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قوشۇمچە ئىنسانىي ياردەم قىلىش ھەققىدە ئۆزئارا ۋەدە بېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي شارائىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى، يۈز مىڭلاچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ بىخەتەر ھالەتتە يۇرتلىرىغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئىككى لىدېرنىڭ سودا، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەلىرى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر