ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تەكلىپىنى رەت قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكلىپنىڭ كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ئاساس بولالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1281591
ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى ئەنگلىيە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى تەستىقلايدىغان بىر كېلىشىم ئۈچۈن ئاساس بولالمايدۇ، دەپ قارايمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، تەكلىپنىڭ مەسىلىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىدىغان تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ «خەيرىلىك جۈمە كېلىشىمى» نى قوغداش، بارلىق ئارالنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئورتاق بازارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «كېرەككە كېلىدىغان ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارەلىرى» نى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تەكلىپىنىڭ بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلىقى ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرگە خىزمەت قىلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، رەت قىلىنغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمىدىكى تالاش-تارتىش قوزغىغان «تەدبىر ماددىسى» نى، شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ 2025-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىچىدە تۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر