ئۇكرائىنادا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
ئۇكرائىنانىڭ لىۋوۋ شەھىرىدە بىر يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1281792
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسپانىيەنىڭ ۋىگو شەھىرىدىن ئۇكرائىنانىڭ لىۋوۋ شەھىرىگە سەپەر قىلغان « An-12 » تىپلىق يۈك ئايروپىلانى يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن، لىۋىۋ دانىلو ھالىسىكى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، قازادا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.