شىنزو ئابې كىم جوڭئۇن بىلەن شەرتسىز ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ھېچقانداق شەرت قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1282098
شىنزو ئابې كىم جوڭئۇن بىلەن شەرتسىز ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنزو ئابې ياپونىيە پارمېنتىدىكى ئېچىلىش نۇتۇقىدا «پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇن بىلەن ھېچقانداق شەرت قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈزمۇ يۈز كۆرۈشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمەن» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يادرولۇق قورالاردىن پاكلىنىش مەسلىسى ۋە شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن 1970يىلدىن 1980 يىلىغىچە بولغان ئارىلقتا تۇتۇپ كېتىلگەن ياپونىيە پۇقرالىرى مەسلىسى ھەقىقىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلىشى كېرەكلىكىنى شەرت قوشقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە شىنزو ئابې كىم جوڭئۇن بىلەن شەرتسىز كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شىنزو ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى كۈنى يېڭى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ 1970يىلىدىن 1980يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ياپونىيە پۇقرالىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆتمۈشتىن بېرى ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن مەسىلىلەردىن بىرسى بولۇپ، «ياپونىيە پۇقرالىرى شىمالىي كورېيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتلىگەن» دەپ قارالماقتا.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پۇقرالارنى شىمالىي كورېيە جاسۇسلىرىغا ياپونچە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقى ۋە ياپونىيە پۇقرالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىش ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر